گېبرېيۇس: دۇنيا يېڭى بىر يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا تەييار ئەمەس

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش دىرېكتورى تېدروس ئادانوم گېبرېيۇس دۇنيانىڭ يېڭى بىر يۇقۇمغا تەييار ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

2104815
گېبرېيۇس: دۇنيا يېڭى بىر يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا تەييار ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېبرېيۇس CNN نىڭ سۆھبەت پىروگراممىسىدا سۆز قىلىپ، يېڭى بىر يۇقۇم (كوۋىد-19) ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئەھۋاللار توغرىسىدا توختالدى.

گېبرېيۇس كوۋىد-19 يۇقۇمى مەزگىلىدىكى ئۇچۇردىن تەڭ بەھرىلىنىش ۋە ئۆزئارا ماسلىشىشتىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۇنيانىڭ يېڭى بىر يۇقۇملۇق كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇشقا تەييار ئەمەسلىكىنى قەيت قىلدى.

گېبرېيۇس بارلىق دۆلەتلەرنى ۋاكسىنا ۋە دورا قاتارلىق يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان قورال ۋە مۇھىم ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشىشقا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن «تارقىلىشچان زۇكام كېلىشىمى» ئىمزالاشقا چاقىرىپ: «كۆرۈپ تۇرۇۋاتقىنىمىزدەك، سىستېمىمىزدا كەمتۈكلۈكلەر بار. ئەگەر بىرەر ئىش يۈز بەرسە، تەييارلىقىمىز بولمىغاچقا، ھەر قانداق ئىش يۈز بېرىشى مۇمكىن. ئەمما بىز بۇنىڭغا دەرھال ئارىلىشىپ، زىياننى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرەلەيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر