ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىنسانىيەتكە خىلاپ جىنايىتى لەھەيدە سوت قىلىنماقتا

ئىسرائىلىيە غەززەدە ئۆتكۈزگەن ئىنسانىيەتكە خىلاپ جىنايىتى ئۈچۈن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىدا داۋاملىق جاۋابكارلىققا تارتىلماقتا.

2104117
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىنسانىيەتكە خىلاپ جىنايىتى لەھەيدە سوت قىلىنماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيەنىڭ لەھەي شەھرىدىكى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەلەپ قىلغان «مەسلىھەتلىشىش ۋە ئىسپات ئاڭلاش سوتى» ئاچىدىغان بولدى.

بۈگۈن (19-فېۋرال) باشلىنىدىغان ئىسپات ئاڭلاش سوتىدا، تۈركىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 52 دۆلەت ۋە ئۈچ خەلقئارالىق تەشكىلات ئاغزاكى بايانات بېرىدۇ.

ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى پەلەستىندە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى ۋە ئىجرا قىلىۋاتقان بەلگىلىمىرىگە قارىتا 2022 - يىلى ھەرىكەتكە ئۆتكەن ئىدى.

ب د ت ئىسرائىلىيەنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ غۇرۇررىنى دەپسەندە قىلىدىغان قانۇن - بەلگىلىمىرىنىڭ قانۇنىي ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە مەسلىھەتلىشىش ۋە ئىسپات ئاڭلاش سوتى ئېچىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنسىز قىلمىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بايقاش ۋە كۆزىتىشلەرگە قاراپ چىقىپ، قارار چىقىرىدۇ.

ئاممىغا ئوچۇق ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىسپات ئاڭلاش سوتى پەلەستىننى تونۇشتۇرۇش بىلەن باشلىنىدۇ. بىر ھەپتە بويىچە 52 دۆلەت ۋە ئۈچ خەلقئارالىق تەشكىلات ئاغزاكى بايانات بېرىدۇ.

لاھەي تىنچلىق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىسپات ئاڭلاش سوتى نەق مەيداندىن تارقىتىلىدۇ. تۈركىيەمۇ 26 - فېۋرال (2024) دا سوتتا ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

سوت ئاخىرلاشقاندا، ئىجرا قىلىش كۈچىگە ئىگە بولمىغان قارار چىقىرىلىدۇ.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى  2004- يىلدىكى بىر قارارىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىندىكى ئىشغال قىلغان رايونلاردا سالغان تاملىرىغا قارىتا «خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق» دەپ ھۆكۈم ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر