ئامېرىكادا بىر ئۆيدە پارتلاش يۈز بېرىپ، 1 كىشى قازا قىلدى ۋە 13 كىشى يارىلاندى

ئامېرىكانىڭ ۋىرگىنىيە ئىشتاتىدا، بىر ئۆيدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 1 نەپەر ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى قازا قىلىپ، 13 كىشى يارىلاندى.

2103763
ئامېرىكادا بىر ئۆيدە پارتلاش يۈز بېرىپ، 1 كىشى قازا قىلدى ۋە 13 كىشى يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ۋىرگىنىيە ئىشتاتىغا قاراشلىق ستېرلىڭ شەھىرى ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 19:40 دە تەبىئىي گاز چىقىپ كەتكەنلىكىگە دائىر خەۋەر كەلگەن ئۆيگە يېتىپ بېرىپ، ئوتنى ئوچۇرۇشنى باشلىغان.

لودۇن ناھىيەلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى باياناتچىسى لاۋرا رىنخارت ئەترەتنىڭ گاز چىقىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغانلىقىنى ۋە خەتەرلىك ماتېرىيال مۇتەخەسسىسلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى مۇئاۋىن باشلىقى جېيمىس ۋىللىيامىس ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ئۆينىڭ ئىچىدىكى چاغدا پارتلاش يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

سەھىيە خادىملىرى پارتىلاشتا 1 نەپەر ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە 11 نەپەر ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىنى قوشقاندا جەمئىي 13 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

گازنىڭ چىقىپ كېتىش سەۋەبى ھەققىدە تەكشۈرۈشلەر داۋاملاشماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر