گېبرېيۇس غەززەدە قورشاۋ ئاستىدىكى ناسىر دوختۇرخانىسىنىڭ ئەھۋالى ئۈستىدە توختالدى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش دىرېكتورى تېدروس ئادانوم گېبرېيۇس غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى خان يۇنۇس شەھىرىدە ئۇزۇندىن بۇيان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ قورشاۋىدا تۇرىۋاتقان ناسىر دوختۇرخانىسىنىڭ ئەمدىلىكتە مۇلازىمەت قىلالمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى

2103846
گېبرېيۇس غەززەدە قورشاۋ ئاستىدىكى ناسىر دوختۇرخانىسىنىڭ ئەھۋالى ئۈستىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېبرېيۇس ئۆزىنىڭ X ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىكى يازمىسىدا، تۈنۈگۈن ۋە ئالدىنقى كۈنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئەترىتى بىلەن شېرىكلىرىنىڭ يېقىلغۇ يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا بارغانلىقىنى، لېكىن دوختۇرخانىنىڭ ئەھۋالى ۋە داۋالاش ئېھتىياجىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن ئەترەتنىڭ كىرىشىگە ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ رۇخسەت قىلىنمىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

گېبرېيۇس: «ناسىر دوختۇرخانىسى ھۇجۇم ۋە بىر ھەپتىدىن بۇيان داۋاملاشقان قورشاۋدىن كېيىن، ئەمدىلىكتە مۇلازىمەت قىلالمايدىغان ھالغا كېلىپ قالدى» دېدى ھەمدە دوختۇرخانىدا ھازىرمۇ 200 گە يېقىن بىمارنىڭ بارلىقىنى، ئۇلاردىن كەم دېگەندە 20 بىمارنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش مۇلازىمىتىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن باشقا دوختۇرخانىلارغا يۆتكىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

گېبرېيۇس بىمارلارنىڭ باشقا دوىتۇرخانىغا يۆتكىلىشى جەھەتتىكى كېچىكىشلەرنىڭ بەدەلىنى ئۆلۈملىرى بىلەن تۆلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بىمارلارغا ۋە دوختۇرخانىغا يېتىپ بېرىشنىڭ ئاسانلاشتۇرىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر