ھۇسىيلار ئەنگلىيە پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلدى

ئىران قوللاۋاتقان يەمەندىكى ھۇسىي قوراللىقلىرى قىزىل دېڭىزدا ئەنگلىيەنىڭ بىر نېفىت پاراخوتىغا زەربە بەرگەنلىكلىرىنى ئېلان قىلدى.

2103705
ھۇسىيلار ئەنگلىيە پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۇسىيلارنىڭ ھەربىي باياناتچىسى يەھيا سەرى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «ھۇسىيلارنىڭ ئەنگلىيەنىڭ قىزىل دېڭىزدا ئىلگىرىلەۋاتقان پوللۇكس ناملىق نېفىت پاراخوتىنى كۆپ مىقداردا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلىتىپ بومباردىمان قىلغانلىقى»نى بىلدۈردى.

سەرى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان پاراخوتنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقىنى؛ ھۇجۇمنىڭ پەلەستىن خەلقىنى قوللاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بايان قىلىپ، پەلەستىن خەلقىگە قارىتىلغان ھۇجۇملار توختىتىلىپ، قامال بىكار قىلىنمىغۇچە، ئىسرائىلىيە پاراخوتلىرى ۋە ئىشغال ئاستىدىكى پەلەستىن پورتلىرىغا بارىدىغان پاراخوتلارغا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

ئەنگلىيە مەزكۇر ھۇجۇم توغرىسىدا ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر