پۇتىن راكقا قارشى ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىشقا ئاز قالغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ۋلادىمىر پۇتىن: « دەپ ئاتىلىدىغان راكقا قارشى ۋاكسىنا ۋە ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى تەڭشىگۈچى يېڭى ئەۋلاد دورىلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا ئاز قالدۇق» دېدى.

2102491
پۇتىن راكقا قارشى ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىشقا ئاز قالغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن پايتەخت موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن «كەلگۈسى تېخنىكا مۇنبىرى» ناملىق پائالىيەتتە نۇتۇق سۆزلىدى.

پۇتىن يېقىنقى بەش يىلدا رۇسىيەدە 500 دىن ئارتۇق راكنى داۋالاش مەركىزى ئېچىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، راكنى داۋالاشقا قارىتا ۋاكسىنا تەتقىقاتىنىڭمۇ قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پۇتىن: «<راك ۋاكسىناسى> دەپ ئاتىلىدىغان راكقا قارشى ۋاكسىنا ۋە ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى تەڭشىگۈچى يېڭى ئەۋلاد دورىلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا ئاز قالدۇق. ئۈمىد قىلىمەنكى، پات يېقىندا يەككە داۋالاش ئۇسۇلى سۈپىتىدە ئۈنۈملۈك شەكىلدە قوللىنىلىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر