ناتو مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى بىريۇسسېلدا باشلاندى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ ئىككى كۈنلۈك يىغىنى بۈگۈن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا باشلاندى.

2102356
ناتو مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى بىريۇسسېلدا باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەگە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر ۋەكىللىك قىلىدىغان يىغىندا، 2022-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى قاتارلىق كۈنتەرتىپتىكى مۇھىم مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنى مىنىستىرلار ئۇكرائىنا مۇداپىئە ئالاقىلىشىش گۇرۇپپىسى بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئۇچرىشىشتا ناتونىڭ ئۇكرائىناغا قىلىۋاتقان ھەربىي ياردىمى يەنە بىر قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈلىدۇ.

يىغىندا ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا قايتىدىن پىرېزىدېنت نامزاتى بولغان سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ناتو توغرىسىدىكى سۆزلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

ترامپ ئۆزىنىڭ پىرېزىدېنتلىقى مەزگىلدە، ئامېرىكانىڭ ناتو ئالدىدىكى ئىقتىسادىي مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان ئىتتىپاقداشلىرىنى رۇسىيەنىڭ قىلغۇسى ھۇجۇملىرىدىن قوغدىمايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر