ياپونىيە كۆزدە تۇتقان قايسى دۆلەت؟

ياپونىيە ۋە باشقا تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلىرى رايون ھالىتىنى زورلۇق كۈچ ۋە بىر تەرەپلىمىلىك بىلەن ئۆزگەرتىشكە قاتتىق ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

2101413
ياپونىيە كۆزدە تۇتقان قايسى دۆلەت؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى كامىكاۋا يوكو فىجى پايتەختى سۇۋادا «تىنچ ئوكيان ئاراللىرى مۇنبىرى» گە ئەزا بولغان 18 دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇ كۆرۈشۈشتە، ياپونىيە ۋە باشقا تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلىرى رايون ھالىتىنى بېسىم ۋە بىر تەرەپلىمە ھالدا زورلۇق كۈچ بىلەن ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشلىرىغا قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى.

ئۇ «قائىدە-پىرىنسىپنى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنىڭ مۇھىملىقى» نى ئالاھىدە تەكىتلەپ، ياپونىيەنىڭ «ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلىرىنى ئىزچىل قوللايدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.

كۆرۈشۈشتە يەنە، ئىيۇل (2024) دا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلان قىلىنغان تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى رەھبەرلەر يىغىنى (PALM) نىڭ تەييارلىقلىرىنىمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.

تاشقى ئىشلار ۋەزىرى كامىكاۋا يىغىن ئۈستىدە توختىلىپ: «تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بولۇپمۇ كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە دېڭىزچىلىق ئىشلىرىدىكى قىيىنچىلىقلارنى يىڭىشتە بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز» دېدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر