گېرمانىيەنىڭ قارارى 3-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ خەۋەرچىسىمۇ؟

مۇداپىئە خامچوتلىرىنى يۇقىرى مىقداردا كۆپەيتىشنى قارار قىلغان گېرمانىيەنىڭ ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى كاستېن بويا (Carsten Breuer) بەش يىلدىن سەككىز يىلغىچە «ئۇرۇشقا تەييار ھالەتكە كېلىش» كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

2101577
گېرمانىيەنىڭ قارارى 3-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ خەۋەرچىسىمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى كاستېن بويا «Welt am Sonntag» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، «ئۇرۇشقا تەييار ھالەتكە كېلىش» كە بىر جەريان كېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بىزنىڭ چەكسىز ۋاقتىمىز يوق، چۈنكى سوغۇق ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۇرۇش ئېھتىماللىقى سىرتتىن بىزگە مەجبۇرىي تېڭىلىۋاتىدۇ. ئانالىزچىلارنىڭ دېگىنىگە قارىغىنىمىزدا ۋە رۇسىيەنىڭ يوشۇرۇن ھەربىي تەھدىتىنى كۆزەتكىنىمىزدە، بىز ئۈچۈن بەش يىلدىن سەككىز يىلغىچە تەييارلىق ۋاقتىمىزنىڭ بارلىقىنى كۆرىمىز. بۇ دەل ئاشۇ ۋاقىتتا ئۇرۇش بولىدۇ، دېگەنلىك بولمىسىمۇ بۇ مۇمكىن. مەن ئەسكەر بولغانلىقىم ئۈچۈن بەش يىل ئىچىدە ئۇرۇشقا تەييار ھالەتكە كېلىشىمىز كېرەك، دەيمەن» دېدى.

گېرمانىيە ئىككى يىل ئىلگىرى ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندا مۇداپىئە خامچوتلىرىنى يۇقىرى مىقداردا كۆپەيتىشنى قارار قىلغان بولۇپ، يېڭى تېخنولوگىيەلىك قورال-ياراغلارنى سېتىۋېلىش ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش ئۈچۈن 100 مىليارد ياۋرو مەخسۇس خامچوت ئاجراتقان ئىدى. بۇ رامكىدا، ئامېرىكادىن «F-35» ئايروپىلانى، چىنۇك (Chinook) تىرانسىپورت تىك ئۇچارى ۋە ئىسىرائىلىيەدىن «Arrow-3» باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى سېتىۋېلىش قاتارلىق نۇرغۇن قورال-ياراغ كېلىشىملىرىنى ئىمزالىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر