رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئەسىر ئالماشتۇردى

رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ئەمەلگە ئاشقان ئەسىر ئالماشتۇرۇشتا، ھەر ئىككى تەرەپتىن 100 دىن ئەسكەر قويۇپ بېرىلدى.

2099921
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئەسىر ئالماشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمر زېلېنسكىي ئېكس (X) ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرلەپ: «100 ئەسكىرىمىز ئائىلىسىگە قايتتى. بۈگۈنگىچە 3 مىڭ 135 ئۇكرائىنالىق رۇسىيەنىڭ زۇلمىدىن قۇتقۇزۇلدى» دېدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدىمۇ، ئۇكرائىنا بىلەن ئەسىر ئالماشتۇرۇلغانلىقى ۋە ئۇكرائىنا كونتروللۇقىدىكى جايلاردىن 100 رۇسىيە ئەسكىرىنىڭ قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«ئۇكرائىنانىڭ 100 ئەسكىرى ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. رۇسىيە ئەسكەرلىرى مىنىستىرلىقنىڭ سەھىيە مەركىزىدە داۋالىنىشى ئۈچۈن ئايروپىلان بىلەن موسكۋاغا ئەۋەتىلدى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئىنسانپەرۋەرلىك ۋاستىچى بولدى.»

ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇرۇشۇۋاتقان ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا  31-يانۋار (2024) ئېلىپ بېرىلغان ئاخىرقى ئەسىر ئالماشتۇرۇشتا، ھەر ئىككى تەرەپتىن 195 ئەسكەر قويۇپ بېرىلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر