پاكىستاندا سايلام خادىملىرىغا قارىتىلغان قوراللىق ھۇجۇمدا بىر ساقچى قازا قىلدى

پاكىستاننىڭ خەيبەر پاختونخۋا ۋىلايىتىدە سايلام خادىملىرىغا قارىتىلغان قوراللىق ھۇجۇمدا بىر ساقچى قازا قىلدى.

2099488
پاكىستاندا سايلام خادىملىرىغا قارىتىلغان قوراللىق ھۇجۇمدا بىر ساقچى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان ساقچى خادىملىرى خەيبەر پاختونخۋا ۋىلايىتىگە قاراشلىق كوت ئازام رايونىدا نامەلۇم كىشىلەرنىڭ سايلام خادىملىرىغا قوراللىق ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۇجۇمدا بىر ساقچىنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە كوت ئازامدىكى ئاۋاز تاشلاش پائالىيىتىنىڭ ۋاقىتلىق توختىتىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

بۇ جەرياندا، پاكىستاندىكى 128 مىليوندىن ئارتۇق سايلىغۇچى بەش يىل بويىچە قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدىغان پاكىستان پارلامېنتى ۋە ئىشتات پارلامېنت ئەزالىرى ئۈچۈن ئاۋاز تاشلاشنى باشلىدى.

دۆلەت پارلامېنتىدىكى 266 ئورۇن ئۈچۈن 5 مىڭ 121 نامزات ۋە تۆت ئىشتاتلىق پارلامېنتتىكى 593 ئورۇن ئۈچۈن 12 مىڭ 695 نامزات رىقابەتلەشمەكتە.

سايلىغۇچىلار لاھور، كاراچى، پېشاۋۇر ۋە كۇئېتتا قاتارلىق شەھەرلەردە، بولۇپمۇ پايتەخت ئىسلامئابادتا ئاۋاز تاشلاش ئۈچۈن ئۇزۇن ئۆچرەتلەرنى شەكىللەندۈردى.

90 مىڭ 675 سايلام ساندۇقىدا ئاۋاز تاشلاش پائالىيىتى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 17:00 دە ئاخىرلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر