خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ياپونىيە مەخپىي ھۆججەتلىرىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

خىتاينىڭ 2020-يىلى ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قاراتقان تور ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە، مىنىستىرلىقنىڭ مەخپىي دىپلوماتىك ھۆججەتلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

2098292
خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ياپونىيە مەخپىي ھۆججەتلىرىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى — كيودونىڭ ئىچكى كابىنېت ئەزالىرىنى مەنبە قىلغان خەۋىرىدە، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2020-يىلى باش ۋەزىر شىنزو ئابى مەزگىلىدە خىتاي مەركەزلىك كەڭ كۆلەملىك تور ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىغانلىقىنىڭ بايقالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خەۋەردە، ئاشكارلىنىپ كەتكەن ھۆججەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن چەت ئەللەردىكى دىپلوماتىك ئەلچىخانىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىنتايىن مەخپىي تېلېگراممىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى، ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە سەزگۈر ئۇچۇرلارنىڭ شىفىرلىق ئىنتېرنېت ئالاقە قانىلى (IP-VPN)دىن پايدىلىنىپ نۇسىخىلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

ياپونىيە ئىچكى كابىنېتى باش كاتىپى خاياشى يوشىماسانىڭ، ھۆكۈمەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەخپىي ئۇچۇرلىرىنىڭ تور ھۇجۇمى ئارقىلىق ئوغرىلانغانلىقىنى تېخى جەزملەشتۈرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خاياشى مىنىستىرلىقنىڭ تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە كۈچەيتىش ئۈچۈن، پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر