ئىسرائىلىيەنىڭ غەربىي قىرغاقتىكى ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا

ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇردى.

2097497
ئىسرائىلىيەنىڭ غەربىي قىرغاقتىكى ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە قىسىملىرى 4-فېۋرال (2024) كېچىدە غەربىي قىرغاققا بېسىپ كىرىپ، ئەلخەلىل، جەنىن، تۇباس ۋە راماللاھ شەھەرلىرىدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىدە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ېلىپ باردى.

ئەلخەلىل مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلغان تۇتقۇندا بىر پەلەستىنلىك، جەنىننىڭ  ئاررابې بازىرىدا ئۆيلەرگە بېسىپ كىرىشتە نۇرغۇن پەلەستىنلىكلەر تۇتقۇن قىلىندى.

ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش باشلانغان 7 – ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا تۇتقۇن قىلىنغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 6 مىڭ 512 گە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر