پاكىستاندا ساقچىخانىغا قىلىنغان ھۇجۇمىدا 10 ساقچى قازا قىلىپ، ئالتە ساقچى يارىلاندى

پاكىستاننىڭ خەيبەر پاختونخۋا ئۆلكىسىدە، كىملىكى نامەلۇم قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ساقچىخانىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 10 ساقچى قازا قىلىپ، ئالتە ساقچى يارىلاندى.

2097587
پاكىستاندا ساقچىخانىغا قىلىنغان ھۇجۇمىدا 10 ساقچى قازا قىلىپ، ئالتە ساقچى يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:پاكىستان دۆلەت تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، قوراللىق ئۇنسۇرلار كېچىدە قول بومبىسى ۋە ئېغىر قوراللار بىلەن خەيبەر پاختونخۋا ئۆلكىسىنىڭ دېرا ئىسمائىل خان رايونىدىكى ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇمدا، 10 ساقچى قازا قىلىپ، ئالتە ساقچى يارىلانغان.

كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدىن پايدىلىنىپ قېچىپ كەتكەن قوراللىق ئۇنسۇرلارنى ئىزدەپ- تۇتۇش ھەرىكىتى باشلاندى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.

پاكىستاندا، بولۇپمۇ خەيبەر پاختونخۋا ۋە بالۇچىستان ئۆلكىلىرىدە قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇملىرى كۈنسېرى كۈچەيمەكتە.

ئىسلامئاباد ھۆكۈمىتى پاكىستانغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان پاكىستان تالىبانلىرىنىڭ ئافغانىستاندا بازا قۇرغانلىقىنى ۋە تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەشكىلاتقا قارشى تەدبىرلەرنى يولغا قويمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئافغانىستان بولسا، پاكىستاننىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلىپ، پاكىستاندىكى بىخەتەرلىك مەسىلىسى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر