دونالد ترامپ بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ يېنىۋالغاقلىقىنى ئاشكارىلىدى

دونالد ترامپ ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەت قىسىملىرىغا قاراشلىق  قۇددۇس ئارمىيەسى قوماندانى قاسىم سۇلەيمانى ئۆلتۈرۈلگەن ھەرىكەتتە بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ يېنىۋالغاقلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

2097663
دونالد ترامپ بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ يېنىۋالغاقلىقىنى ئاشكارىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەت قىلىش قىسىملىرىغا قاراشلىق  قۇددۇس ئارمىيەسى قوماندانى قاسىم سۇلەيمانى ئۆلتۈرۈلگەن ھەرىكەت پىلانىغا ئىسرائىلىيەنىڭمۇ شېرىك بولغانلىقىنى، ئەمما بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ ھەرىكەتكە ئىككى كۈن قالغاندا بۇنىڭدىن يېنىۋالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.  

ترامپ ئامېرىكا فوكىس خەۋەرلىرى قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇنىڭ ئۇزۇن مەزگىلگىچە سۇلەيمانىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەرىكەتنىڭ مۇھىم بىر پارچىسى بولغانلىقىنى ۋە بۇ جەرياندا نۇرغۇن مەسىلىلەردە ھەمكارلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

دونالد ترامپ: «بىز سۇلەيمانىنى ئۇجۇقتۇرغاندا، ئىسرائىلىيە بۇنى بىز بىلەن بىرلىكتە قىلغان بولۇشى كېرەك ئىدى. ھۇجۇمدىن ئىككى كۈن بۇرۇن: <بىز بۇنى قىلالمايمىز> دېيىشتى. ئاندىن مەن ئۆز گېنىرالىمىزغا بۇرۇلۇپ: <بۇنى بىز قىلالامدۇق؟> دەپ سورىدىم. ئۇ: <ئەلۋەتتە قىلالايمىز ئەپەندىم! ئۇ ئىش سىزگە قالدى> دېدى. مەن: <ئۇنداقتا قىلايلى!> دېدىم» دېدى.

ئۇ ئەسلىدە نېتانياھۇ بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ پىلاننىڭ مۇھىم بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

قاسىم سۇلەيمانى 2020 - يىلى 3 - يانۋاردا ئىراقنىڭ پايتەختى باغداد ئەتراپىدا ئامېرىكا ئۇچقۇسى قىلىنغان ھۇجۇمدا ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ ۋەقەدىن كېيىن ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كەسكىنلىشىپ كەتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر