ھاماس: «ئىسرائىلىيە بىلەن غەززە رايونى توغرىسىدا ئاخىرقى كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان ئىش يوق»

ھاماس ھەرىكىتى سىياسىي بېيروسى ئەزاسى ئۇساما ئەل ھەمدان: «ئىسرائىلىيە بىلەن غەززە رايونى توغرىسىدا ئاخىرقى كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان ئىش يوق» دېدى.

2097202
ھاماس: «ئىسرائىلىيە بىلەن غەززە رايونى توغرىسىدا ئاخىرقى كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان ئىش يوق»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇساما ئەل ھەمدان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئىسرائىلىيە بىلەن ئىككىنچى قېتىملىق ئەسىر ئالماشتۇرۇش ۋە غەززە رايونىدا تولۇق ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

ئىسرائىلىيە بىلەن ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش توغرىسىدا ئاخىرقى كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ھەمدان، بەزى تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلەر كەلگەنلىكىنى، ھاماس بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ ھەقتە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى، پەلەستىن خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ قارار چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ھەمدان فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدىكى يىغىندا تۈزۈلۈش ئېھتىماللىقى بولغان كېلىشىمنىڭ ئومۇمىي رامكا لايىھەسىنى ھاماسنىڭ تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قارىتىلغان بارلىق ھۇجۇملارنى توختىتىشى ۋە غەززەدىكى بارلىق ئىشغالىيەتچى كۈچلىرىنى چېكىندۈرىشىنى ئاساس قىلغان كېلىشىمگە مەركەزلىشىۋاتىمىز» دېدى.

كېلىشىم لايىھەسىگە مەركەزلەشكەنلىكىنى بايان قىلغان ھەمدان: «بۇ لايىھە غەززەدىكى خەلقىمىزگە قارىتىلغان 17 يىللىق قورشاۋنى بىكار قىلىش، قايتىدىن شەھەر قۇرۇلۇشى ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر