بلىنكېن رىياد، قاھىرە، دوھا، تېل ئاۋىۋ ۋە غەربىي قىرغاقنى زىيارەت قىلىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېن ئىسرائىلىيە غەززەگە ھۇجۇم قىلىشنى باشلىغان 2023-يىلى 7- ئۆكتەبىردىن بۇيانقى بەشىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنى 4-فېۋرال باشلايدۇ.

2097075
بلىنكېن رىياد، قاھىرە، دوھا، تېل ئاۋىۋ ۋە غەربىي قىرغاقنى زىيارەت قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، مىنىستىر ئانتونىي بلىنكېننىڭ 4-فېۋرالدىن 8-فېۋرالغىچە بولغان جەرياندا سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، قاتار، ئىسرائىلىيە ۋە غەربىي قىرغاق (ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى)نى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتقا قارىغاندا، ئانتونىي بلىنكېن تەرەپلەرنىڭ ئەسىر ئالماشتۇرۇش ۋە «ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئۇرۇش توختىتىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدىكى كېلىشىم ھاسىل قىلىش جەريانى توغرىسىدا ئەھۋال ئىگىلەيدىكەن ۋە ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.

ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىنىڭ مەڭگۈلۈك تىنچلىق ئورنىتىشىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا دىپلوماتىك سۆھبەتلەرنىمۇ ئۆتكۈزىدىغان مىنىستىر بلىنكېننىڭ كۈنتەرتىپىدە، ھۇسىيلارنىڭ قىزىل دېڭىزدىكى ھۇجۇملىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەرمۇ بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر