خىتاينىڭ «جاسۇس كەپتىرى» تەبىئەتكە قويۇپ بېرىلدى

ھىندىستان ساقچىلىرى خىتاينىڭ جاسۇس قىلىپ پايدىلىنىۋاتقانلىقىدىن گۇمان قىلىپ مۇسادىرە قىلغان كەپتەرنى، ئارىدىن سەككىز ئاي ئۆتكەندە تەبىئەتكە قويۇپ بەردى.

2096647
خىتاينىڭ «جاسۇس كەپتىرى» تەبىئەتكە قويۇپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاننىڭ «Press Trust of India» ئاگېنتلىقى خىتاينىڭ جاسۇسلۇققا كۆندۈرۈلگەنلىكى گۇمان قىلىنغان كەپتەرنىڭ تەبىئەتكە قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ماي ئېيى (2023) دا تۇتۇلغان ۋە خىتاينىڭ جاسۇس قىلىپ پايدىلىنىۋاتقانلىقىدىن گۇمان قىلىنغان كەپتەرنىڭ ھىندىستانغا تەيۋەندىن ئۇچۇپ كەلگەن مۇسابىقە كەپتىرى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. پۇتىدا خىتايچىغا ئوخشايدىغان خەتلەر يېزىلغان ئۈزۈك بولغانلىقى ئۈچۈن ھىندىستان ساقچىلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان كەپتەرنىڭ، بومبايدىكى باي ساكارباي دىنشاۋ پېتىت ھايۋانلار دوختۇرخانىسىغا ئەۋەتىلگەن. سەككىز ئايدىن بېرى كۆزىتىلگەن كەپتەرنىڭ، بومباي ئايرودۇرۇمىدىكى زۇلۇمنى چەكلەش جەمئىيىتىگە ئەۋەتىلگەن ۋە بۇ يەردىكى چارۋىچىلىق دوختۇرلىرى تەكشۈرۈشتىن كېيىن، تەبىئەتكە قويۇپ بەرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر