پۇتىن: رۇسىيە ئايروپىلانى «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن چۈشۈرۈۋېتىلدى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن 65 ئۇكرائىنالىق ئەسىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 74 كىشى ئولتۇرغان ئايروپىلاننىڭ، ئامېرىكانىڭ «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى بىلەن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.

2096000
پۇتىن: رۇسىيە ئايروپىلانى «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن چۈشۈرۈۋېتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋلادىمىر پۇتىن مارتتا (2024) ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنىڭ تەييارلىقلىرى ئۈچۈن موسكۋادىكى «گوستىنىي دۋور» بىناسىدا سايلام مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇ بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، ئۆتكەن ھەپتە 65 ئۇكرائىنالىق ئەسىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 74 كىشى ئولتۇرغان رۇسىيەنىڭ «İl-76» تىپلىق ئايروپىلاننىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئايروپىلان ئامېرىكانىڭ <ۋەتەنپەرۋەر> ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى بىلەن ئېتىپ چۈشۈرۈلدى. بۇ ئېنىقلاندى. ئايروپىلاننى چۈشۈرۈۋەتكەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى كونترول قىلىۋاتقان جايدىن ئېتىلدى.»

ئۇ ئۇكرائىنانىڭ ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىش بىلەن «جىنايەت» ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەكىتلەپ، غەربنىڭ مەزكۇر ۋەقەنىڭ ئۈستىنى يېپىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، ۋەقەنى خەلقئارالىق تەكشۈرۈش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر