گىرۇزىيەدە ئوقۇغۇچىلار دەرسلىرىنى بايقۇت قىلدى

گىرۇزىيە پايتەختى تىبلىستا ھۆكۈمەت پارلامېنتقا سۇنغان «چەت ئەل تەسىرىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشى» قانۇن تەكلىپ لايىھەسىگە قارشى نامايىشلار داۋام قىلماقتا.

2139311
گىرۇزىيەدە ئوقۇغۇچىلار دەرسلىرىنى بايقۇت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاكىمىيەت بېشىدىكى گىرۇزىيە ئارزۇسى پارتىيەسى ئۆتكەن ئاي (ئاپرېل) پارلامېنتقا سۇنغان «چەت ئەل تەسىرىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشى» قانۇن تەكلىپ لايىھەسىگە قارشى باشلانغان نامايىشلار، تەخمىنەن بىر ئايدىن بۇيان داۋام قىلماقتا.

پايتەخت تىبلىستا كەچ سائەتلەردە ئوخشىمىغان كوچىلاردا توپلانغان نامايىشچىلار، پارلامېنت بىناسىغا قاراپ يۈرۈدى. ئارىسىدا ئۇنىۋېرستېت ئوقۇغۇچىلىرىمۇ بولغان نامايىشچىلار، پىيادە يۈرۈش جەريانىدا قانۇن تەكلىپ لايىھەسىگە قارشى شوئارلارنى توۋلىدى.

قانۇن تەكلىپ لايىھەسىنىڭ «رۇسىيە قانۇنى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن نامايىشچىلار، ھۆكۈمەتكە قارشى شوئارلارنى توۋلىدى. قوللىرىدا بولسا، گىرۇزىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇكرائىنانىڭ بايراقلىرىنى كۆتۈرۈۋالدى.

نامايىشچىلار ھۆكۈمەتنى تالاش-تارتىشلىق قانۇن تەكلىپ لايىھەسىنى پارلامېنتتىن قايتۇرۇۋېلىشقا چاقىردى ۋە قانۇن تەكلىپ لايىھەسىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بىر گەۋدىلىشىشىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تىبلىستىكى نامايىشلار شىددەتلىك يامغۇرغا قارىماي داۋاملاشتى.

گىرۇزىيەنىڭ ئوخشىمىغان ئۇنىۋېرستېتلىرىدا ئوقۇغۇچىلار دەرسلەرنى بايقۇت قىلدى.

باش مىنىستىر ئىراكلى كوباخىدزې تىبلىستا داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلارغا قاتناشقانلارنى، ساقچىلارغا زوراۋانلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.

ئۇ خەلقنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ھۆكۈمەتنى ۋە «چەت ئەل تەسىرىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشى» قانۇن تەكلىپ لايىھەسىنى قوللايدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ لايىھەنى قانۇنغا ئايلاندۇرۇش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

گىرۇزىيە پارلامېنتىدا 17-ئاپرېل (2024) بىرىنچى قېتىم، 1-ماي ئىككىنچى قېتىم تەستىقلانغان قانۇن تەكلىپ لايىھەسى، ئۈچىنچى قېتىم تەستىقلانغاندىن كېيىن رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىدۇ.

گىرۇزىيە پارلامېنتى مەزكۇر قانۇن تەكلىپ لايىھەسىگە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئاۋاز تاشلاش ئۈچۈن بۈگۈن (14-ماي) توپلىنىدۇ. گىرۇزىيە پىرېزىدېنتى سالومې زۇرابىشۋىلى قانۇن تەكلىپ لايىھەسىگە قارشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

بىراق، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە پارلامېنتتا پىرېزىدېنتنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقىدىن ئۆتۈپ كېتىدىغان دەرىجىدە كۆپ ئورۇنغا ئىگە.

مەزكۇر قانۇن تەكلىپ لايىھەسىدە، گىرۇزىيەدە قۇرۇلغان مەبلىغىنىڭ %20 ى چەت ئەللەرنىڭ ياردىمى ئىگەللەيدىغان فوندلارنىڭ «چەت ئەل كۈچىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىدىغان تەشكىلات» دەپ تىزىمغا ئېلىشنى، ئۇنداق بولمىغاندا، جەرىمانە قويۇش؛ فوندلارنى تىزىمغا ئېلىش رەسمىيەتلىرىگە گىرۇزىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇل بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر