ئارگېنتىنادا غايەت زور يۈك پاراخوتى كۆۋرۈككە سوقۇلۇپ كەتتى
ئارگېنتىنادا بىر يۈك پاراخوتى كۆۋرۈككە سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، پاراخوت قاتنىشى ۋاقىتلىق توختىتىلدى.
2095568
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئارگېنتىنادا يۈك پاراخوتىنىڭ كۆۋرۈككە سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى پايتەخت بۇئېنۇس ئايرېسنى ئېنترې رىئوس ئۆلكىسىگە تۇتاشتۇرىدىغان زارات-برازو لارگو كۆۋرۈكى جايلاشقان رايوندا يۈز بەردى.
غايەت زور قۇرۇق يۈك پاراخوتى كۆۋرۈكنىڭ تۈۋرۈكىگە سوقۇلدى.
ۋەقەدىن كېيىن، دەريادىكى پاراخوت قاتنىشىنىڭ ۋاقتلىق توختىتىلغانلىقى ئېلان قىلىندى.