شىمالىي كورېيە ئىككى ئەلچىخانىسىنى تاقىدى

جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىتىرلىقىنىڭ نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدارى، شىمالىي كورېيەنىڭ يېقىنقى ئايلاردا بەزى دۆلەتلەردىكى ئەلچىخانىلىرىنى تاقىغانلىقى توغرىسىدا ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

2095577
شىمالىي كورېيە ئىككى ئەلچىخانىسىنى تاقىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدارى شىمالىي كورېيەنىڭ يېقىندا خوڭكوڭ بىلەن لىۋىيەدىكى ئەلچىخانىلىرىنى تاقىغانلىقىنى بىلدرۈدى.

جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدىكى مەلۇماتلاردا قەيت قىلىنىشىچە، شىمالىي كورېيەنىڭ چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانىلىرىنىڭ سانى 53 تىن 44 كە چۈشكەن.

شىمالىي كورېيە يېقىنقى ئايلاردا، ئانگولا، ئۇگاندا، بېنگال، نېپال، ئىسپانىيە، سېنېگال ۋە گۋىنىيەدىكى ئەلچىخانىلىرىنى تاقىغان ئىدى.

جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيەنىڭ بەزى دۆلەتلەردىكى ئەلچىخانىلىرىنى تاقاش قارارلىرىنى «دۇنيانىڭ بۇ دۆلەتكە يۈرگۈزگەن ئېمبارگولىرىدىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق» دەپ قارىماقتا. پىيوڭياڭ ھۆكۈمىتى بولسا نويابىر (2023) دا، بۇنى «دۇنيا مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە دۆلەتنىڭ تاشقى سىياسىتىگە ئاساسەن يېڭى دىپلوماتىك ئورگانلارنى تەسىس قىلىپ، تاقىغان» لىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر