بايدىن: ئىراننى بىۋاستە جاۋابكارلىققا تارتىشنى ئويلىشىمىز

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن: «بىز ئوتتۇرا شەرقتە كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشقا ئېھتىياجلىق ئەمەس، بۇنداق نىيىتىمىز يوق» دېدى.

2095496
بايدىن: ئىراننى بىۋاستە جاۋابكارلىققا تارتىشنى ئويلىشىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت جو بايدىن فلورىدادا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئاقسارايدىن يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ سۈرىيە-ئىيوردانىيە چېگراسىدىكى ئامېرىكا بازىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمغا قانداق جاۋاب قايتۇرۇشنى قارار قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئىراننى ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارى دەپ قارايدىغان-قارىمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا: «بۇ ھۇجۇمنى قىلغان كىشىلەرنى قورال بىلەن تەمىنلەش نۇقتىسىدىن ئېيقاندا، ئىراننى جاۋابكار دەپ قارايمەن » دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ «ھۇجۇمنىڭ ئىران بىلەن بىۋاستە چېتىشلىقى بارلىقى ئوتتۇرىغا چىققان ئەھۋالدا ئىران بىۋاستە جاۋابكارلىققا تارتىلامدۇ؟» دېگەن سوئالغا بولسا، «بۇنى مۇزاكىرە قىلىمىز» دەپ قىسقىلا جاۋاب بەرگەندىن كېيىن، سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

« بىز ئوتتۇرا شەرقتە كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشقا ئېھتىياجلىق ئەمەس، بۇنداق نىيىتىمىز يوق .»

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن يېقىنقى ئىككى كۈندە 27-يانۋار (2024) سۈرىيە-ئىيوردانىيە چېگراسىدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىغا قىلىنغان ھۇجۇم سەۋەبىدىن دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ئۈچ قېتىم يىغىنغا چاقىرىپ، ھۇجۇمغا قانداق جاۋاب قايتۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر