ئىسىرائىلىيە مىنىستىرى: ئەسىرلەرنىڭ ھەممىسىنى تىرىك قايتۇرۇپ كېلىش ۋەدىسى توغرا ئەمەس

ئىسىرائىلىيەنىڭ ئاشقۇن ئوڭچى مالىيە مىنىستىرى بېزالېل سموترىچ غەززەدە ھەربىي ھاكىمىيەت ئورنىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2095119
ئىسىرائىلىيە مىنىستىرى: ئەسىرلەرنىڭ ھەممىسىنى تىرىك قايتۇرۇپ كېلىش ۋەدىسى توغرا ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسىرائىلىيەنىڭ ئاشقۇن ئوڭچى مالىيە مىنىستىرى بېزالېل سموترىچ «12-قانال» تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئارمىيەنىڭ غەززەدە ھەربىي ھاكىمىيەت ئورنىتىپ، رايوننى كونترول قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە، ئىچكى كابېنت ئەزالىرىنىڭ ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەدە تۇرۇشى كېرەكلىكى توغرىسىدا ئوخشاش پىكىرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ ئۆزىنىڭ ۋە باشقا ئىچكى كابېنت ئەزالىرىنىڭ ب د ت نىڭ «ئوتتۇرا شەرقتىكى پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىش ئاگېنتلىقى» ئارقىلىق پەلەستىنلىكلەرگە ياردەم يەتكۈزۈشىگە قارشى چىققانلىقىنى ئەسكەرتىپ، پەلەستىنلىكلەرگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تارقىتىش ئىشلىرىنىڭ ئىسىرائىلىيەنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئىسىرائىلىيەلىك ئەسىرلەر ئۈستىدە توختالغاندا، ئەسىرلەرنىڭ ھەممىسىنى تىرىك قايتۇرۇپ كېلىش توغرىسىدا بېرىلگەن ۋەدىلەرنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئىسىرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ ئائىلىلىرى ۋە يېقىن-يورۇقلىرىغا بۇ پىكىرنى يەتكۈزگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ: «كىشىنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرۇپ ئەسىرلەرنىڭ ھەممىسىنى تىرىك قايتۇرۇپ كېلىش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن كىشى، توغرا گەپ قىلمىغان بولىدۇ» دېدى.

ئۇ ئەسىر ئائىلىلىرى ۋە يېقىنلىرىنىڭ ھۆكۈمەتنى دەرھال ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈشكە چاقىرىپ ئۆتكۈزگەن نامايىشلارنىڭ، ئەسىرلەرنى تىرىك قايتۇرۇپ كېلىش ئېھتىمالىنى ئاجىزلاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر