شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەرىكىتىنى مۇزاكىرە قىلدى

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى (ASEAN) نىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى لائوستا توپلاندى.

2094903
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەرىكىتىنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى لائوستا توپلىنىپ، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەرىكەتلىرى ۋە بىرمانىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى.

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ تور بېتىدىكى باياناتىدا، ئىتتىپاقنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكىنى 1-يانۋار (2024) تاپشۇرۇۋالغان لائوسنىڭ ساھىبخانلىقىدا، ئەزا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنستىرلىرىنىڭ توپلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يىغىن رامكىسىدا «جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىختىلاپلار، دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە خىتاينىڭ ھەرىكەتلىرى» ئۈستىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، بىرمانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىمۇ مۇزاكىرە قىلدى.

ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېنتو مارسۇدى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ بىرما ئۈچۈن بەلگىلەنگەن بەش ماددىلىق پىلان-لايىھەسىنى ئاساس قىلىش ۋەدىسىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە كانادا قاتارلىق بەزى دۆلەتلەرنىڭ «ئوتتۇرا شەرقتىكى پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىش ئاگېنتلىقى» نى قوللاشنى توختتىش قارارىدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

بىرما 2021-يىلى فېۋرالدا ئارمىيە ھۆكۈمەتنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم قاتناشقان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار داۋ مالار تانختائىك بۇ دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر