شىمالىي كورېيە بىر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

جەنۇبىي كورېيە ئارمىيە باش ئىشتابى شىمالىي كورېيەنىڭ سېرىق دېڭىزغا چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

2095062
شىمالىي كورېيە بىر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە ئارمىيە باش ئىشتابى بايانات ئېلان قىلىپ، شىمالىي كورېيەنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 07:00 دە سېرىق دېڭىزغا چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

جەنۇبىي كورېيەنىڭ ھوشىيارلىقنى كۈچەيتكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا: «ئارمىيەمىز ئامېرىكا بىلەن قويۇق ھەمكارلىق ئورنىتىپ  شىمالىي كورېيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە» دېيىلدى.

جەنۇبىي كورېيە يونخاپ ئاگېنتلىقى بۇنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە قىلغان ئۈچىنچى قېتىملىق چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

شىمالىي كورېيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى (KCNA) نىڭ 19-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شىمالىي كورېيە تەتقىق قىلىنىۋاتقان «5-23-خەيل» سۇ ئاستى يادرو قورال سىستېمىسىنى سىناق قىلغان.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر