ئىران ئامېرىكا بازىسغا قىلىنغان ھۇجۇم بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئېلان قىلدى

ئىراننىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى «ئامېرىكانىڭ سۈرىيە-ئىيوردانىيە چېگراسىدىكى ھەربىي بازىسىغا قىلىنغان ھۇجۇم بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلۇقىنى» ئېلان قىلدى.

2094544
ئىران ئامېرىكا بازىسغا قىلىنغان ھۇجۇم بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىرنا (IRNA) خەۋەر ئاگېنتلىقى ئىراننىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىلى ئېلان قىلغان باياناتقا ئورۇن ئاجراتتى.

باياناتتا، «ئىراننىڭ ئۇ ھۇجۇم بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. توقۇنۇش، ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى بىلەن رايوندىكى قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ئۆچ ئېلىش ھەرىكەتلىرىدۇر» دېيىلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئىيوردانىيە-سۈرىيە چېگراسىدىكى ھەربىي ھەربىي بازىغا ئۇچقۇلار بىلەن قىلىنغان ھۇجۇمدا، ئۈچ ئەسكەرنىڭ جېنىدىن ئايرىلىپ، 34 ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئىيوردانىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بازىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ ئىيوردانىيە زېمىنىدا ئەمەس، بەلكى سۈرىيە چېگراسىدىكى تېنېف ھەربىي بازىسىدا يۈز بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر