ياپونىيەدىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 236 گە يەتتى

ياپونىيەنىڭ غەربىدىكى ئىشىكاۋا ئۆلكىسى ۋە بۇ رايوندىكى نوتو يېرىم ئارىلىنىڭ دېڭىز قىرغىقىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 236 گە يەتتى.

2094183
ياپونىيەدىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 236 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىشىكاۋا ئۆلكە ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باياناتىدا، يانۋارنىڭ بىرىنچى ھەپتىسىدە يۈز بەرگەن كۆپ قېتىملىق يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانىنىڭ 236 گە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، رايون مىقياسىدىكى يەر تەۋرەشلەردە يارىلانغان سانىنىڭ 1178 گە يەتكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ داۋالىنىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا، يەر تەۋرەشتە 43 مىڭ 380 بىنانىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى، 490 ئوخشىمىغان تارقاقلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا 14 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، 3500 ئۆيدە توك ئۈزۈلۈپ قىلىش، 43 مىڭدىن ئارتۇق ئۆيدە سۇ توختاپ كېتىش داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ياپونىيە مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى (JMA) نىڭ بىلدۈرىشىچە، 1-يانۋاردىن 5-يانۋارغىچە بولغان ئارىلىقتا نوتو يېرىم ئارىلى ۋە ئىشىكاۋا دېڭىز قىرغىقىدا 5 دىن 7 بالغىچە  ئوخشىمىغان دەرىجىدە كۆپ قېتىم يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر