ئامېرىكادا بىر تۈركۈم نامايىشچىلار ئانتونىي بلىنكېننىڭ ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىغا چېدىر قۇردى

پەلەستىننى قوللايدىغان بىر تۈركۈم نامايىشچىلار ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېننىڭ ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىغا چېدىر قۇرۇپ، غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.

2094244
ئامېرىكادا بىر تۈركۈم نامايىشچىلار ئانتونىي بلىنكېننىڭ ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىغا چېدىر قۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىلىنكېننىڭ ۋىرگىنىيە ئىشتاتىدىكى ئۆيى ئالدىدا نامايىش قىلغان پەلەستىننى قوللىغۇچىلار، «بلىنكېن ئىسرائىلىيەنىڭ تېررورلۇقنى قوللاۋاتىدۇ!»، «قانخور بلىنكېن!» ۋە «بىللىنكېننىڭ ئۆيىنى ئىشغال قىلىڭلار، غەززە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرسۇن!» دەپ يېزىلغان لوزۇنكىلارنى ئاچتى.

نامايىشچىلاردىن بىرى بولغان ھازامى بارمادا ئامېرىكانىڭ ئۇرۇش جىنايىتى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگىلا «شېرىك» بولۇپ قالماستىن ئۆز نۆۋىتىدە يەنە «جاۋابكار» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ھازامى بارماد: «ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بلىنكېننىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا چېدىر قۇرىمىز، چۈنكى ئۇ ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىگە قارشى ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قوللاش شۇنداقلا ئىمكان يارىتىپ بېرىش بىلەن جىنايەت شېرىكىدۇر» دېدى.

ئامېرىكالىق يەھۇدىي نامايىشچىسى جېرېمىي لېۋىنگېرمۇ سۆز قىلىپ: «غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلمىغانلىقى ئۈچۈن بلىنكېن ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش پوزىتسىيەدىكى سىياسىئونلارغا كۈچلۈك بېسىم ئىشلىتىش كېرەك» دېدى.

جېرېمىي لېۋىنگېر: «ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەگە قىلغان ھەربىي ياردىمىنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلىشمايدۇ. غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ياكى غەززەدىكى ئىشغالىيەتنى توختىتىشقا چاقىرىق ئېلان قىلىشمايدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر