ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 26083 كە يەتتى

ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان غەززە ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 11 مىڭى بالا ۋە 7500ى ئايال بولۇپ جەمئىي 26083 پەلەستىنلىك قازا قىلدى، 64487 ئادەم يارىلاندى.

2094119
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 26083 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززە ھۇجۇملىرىنىڭ 113-كۈنىدە، كۆپىنچىسى بالىلار ۋە ئاياللار بولۇپ، نەچچە ئون كىشى قازا قىلدى ۋە نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى.

پەلەستىننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى — ۋافانىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئايروپىلانلىرى غەززەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى دەير ئەلەبەلەخ شەھىرىدىكى ئۆيلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، يارىلانغانلار ئەقسا شېھىتلەر دوختۇرخانىسىدا بالىنىستقا ئېلىنغان.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى خان يۇنۇس شەھىرىدىكى ئۆيلەرنى بومباردىمان قىلىپ، كۆپىنچىسى بالىلار ۋە ئاياللار  بولۇپ، توققۇز ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، بىر قانچە كىشىنى يارىلاندۇرغان.

ئىسرائىلىيەنىڭ رەفاھ شەھىرىنىڭ ئەلجەنىنە مەھەللىسىگە قاراتقان ھۇجۇمىدىمۇ ئىككى كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، بىر قانچە كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىگىلىنىشىچە، ھۇجۇمدا گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن بىنالارنىڭ خارابىلىكى ئاستىدا چىقىرىلالمىغان كىشىلەر بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر