ئىسرائىلىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى جەنۇبىي ئافرىقاغا قاتناشنى توختىتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ئىسرائىلىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى —ئەل ئال، خەلقئارا ئەدلىيە سوتىغا ئىسرائىلىيە ئۈستىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەرزى سۇنغان جەنۇبىي ئافرىقاغا ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2094113
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى — كان، ئەل ئالنىڭ مارتنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ جەنۇبىي ئافرىقانىڭ جوھاننىسبۇرگ شەھىرىگە قاتناشنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.