ھاماس: ھۇجۇملارنىڭ ئاخىرلىشىشى شەرت

ھاماس سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ئوساما ئەل ھەمدان: «ئىسرائىلىيە بىلەن ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنىڭ بىردىنبىر شەرتى، غەززە رايونىغا قارىتىلغان ھۇجۇمنى پۈتۈنلەي ئاخىرلاشتۇرۇش» دېدى.

2093726
ھاماس: ھۇجۇملارنىڭ ئاخىرلىشىشى شەرت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاماس سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ئەل ھەمدان ھاماسنىڭ لىۋان پايتەختى بېيرۇتتىكى ئىشخانىسىدا، 111 كۈندىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان غەززە رايونى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا يېڭى ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ۋە ھۇجۇملارنى پۈتۈنلەي توختىتىش ئۈچۈن مۇرەسسە قىلغۇچى دۆلەتلەردىن كەلگەن تەكلىپلەرگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: « تۇتۇلغان ئىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تىرىك جەم بولالىشى ئۈچۈن، خەلقىمىزگە قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ پۈتۈنلەي توختىتىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيمىز» دېدى.

ئۇ ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇنىڭ خىيال دۇنياسىدا ياشاۋاتقانلىقىنى، غەززەگە قارشى ئۇرۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ بىر قىسىم نىشانلىرىغا يەتمەكچى بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «غەززە ئۇنىڭ خىيالى، پىلانى، ئارزۇسى ۋە قوشۇنىنىڭ قەبرىسى بولىدۇ.»

ئۇ نېتانياھۇنىڭ ئۆزىنىڭ يالغانچىلىقى ۋە خىياللىرىنى خەلقىگە تاڭماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «نېتانياھۇنىڭ ھەر كۈنى ئۆلۈۋاتقان ياكى ھاماسنىڭ قولىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھاياتىغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلىقى» نى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر