خىتايدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە  39 كىشى ئۆلۈپ، 9 كىشى يارىلاندى

خىتايدا بىر تۇرالغۇ بىناسىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە  39 كىشى ئۆلۈپ، 9 كىشى يارىلاندى.

2093166
خىتايدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە  39 كىشى ئۆلۈپ، 9 كىشى يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىدا بىر تۇرالغۇ بىناسىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى.

يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، بىنانىڭ ئاستىدىكى دۇكاندىن باشلانغان ئوت ئاپىتى ئۈستۈنكى قەۋەتلەرگىچە كېڭەيگەن.

بىنانىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدە بىر مائارىپ ئورگىنىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئوت ئاپىتىدە 39 كىشى ئۆلۈپ، 9 كىشى يارىلانغان.

ئوت ئاپىتىنىڭ سەۋەبى تېخىچە ئېنىقلانمىغان بولۇپ، ۋەقەنى تەكشۈرۈش ئىشلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خىتايدا ئالدىنقى ھەپتىمۇ، بىر مەكتەپ ياتىقىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 13 ئوقۇغۇچى ئۆلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر