ھۇسىيلار: ئامېرىكانىڭ بىر ھەربىي پاراخوتىغا زەربە بەردۇق

يەمەندە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ھۇسىيلار ئەدەن بوغۇزى ۋە بابۇلمەندەب بوغۇزىدا، ئامېرىكانىڭ بىر ھەربىي پاراخوتىغا زەربە بېرىپ، ئىككى سودا پاراخوتىنى قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2093078
ھۇسىيلار: ئامېرىكانىڭ بىر ھەربىي پاراخوتىغا زەربە بەردۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەندىكى ھۇسىيلارنىڭ ئارمىيە باياناتچىسى يەھيا سەرى ھەم غەززەنى قوللاش ھەمدە ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەنىڭ يەمەنگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرۇش مەقسىتىدە، ئەدەن بوغۇزى بىلەن بابۇلمەندەب بوغۇزىدا، ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىغا زەربە بەرگەنلىكلىرىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ رايوندا سودا پاراخوتلىرىنى قوغداۋاتقان ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتلىرى بىلەن چىققان ئېتىشىشلارنىڭ ئىككى سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىدىن بىرىگە زەربەر بەردۇق، ئىككى سودا پاراخوتىنى كەينىگە قايتىشقا مەجبۇر قىلدۇق» دېدى.

ئۇ ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن زەربە بېرىلگەنلىكىنى، ھەربىي پاراخوتلار باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى توسۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما بەزى بومبىلارنىڭ نىشانغا دەل تەگكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ سۆزىدە، قىزىل دېڭىزدا ھۇجۇملارنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا مەركىزىي ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى-سېنتكوم (CENTCOM) ھۇسىيلارنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 14.00 ئەتراپىدا ئەدەن بوغۇزىدا ئىلگىرىلەۋاتقان ئامېركا بايرىقى ئېسىلغان سودا يۈك پاراخوتىغا قارىتىپ ئۈچ دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

سېنتكوم ئىككى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ «USS Gravely» ھەربىي پاراخوتى تەرىپىدىن ھاۋادا پاچاقلانغانلىقىنى، بىرىنىڭ دېڭىزغا چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

يەمەندە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ھۇسىيلار 31-ئۆكتەبىر (2023) دىن تارتىپ ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرۇشنى سەۋەب قىلىپ، يەمەن دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىسىرائىلىيە شىركەتلىرىگە چېتىشلىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن سودا پاراخوتلىرىنى مۇسادىرە قىلىشنى، بەزىلىرىگە ئۇچقۇ ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ھۇجۇم قىلىشنى باشلىغان ئىدى.

ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى نۇرغۇن قېتىم يەمەندىن ئېتىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇلارنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

دۇنيادىكى نۇرغۇن خەلقئارالىق دېڭىز تىرانسىپورت شىركەتلىرى ھۇسىيلارنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن قىزىل دېڭىزدىكى پاراخوت قاتنىشىنى بىكار قىلدى.

دۇنيا سودىسىنىڭ تەخمىنە %12 ى ئاقدېڭىزنى قىزىل دېڭىزغا تۇتاشتۇرۇپ، ياۋروپا بىلەن ئاسىيا ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپىنى قىسقارتىدىغان سۈۋەيىش قانىلى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر