ئامېرىكا ھۆكۈمىتى: تۈركىيەگە  F-16 تىپلىق ئايروپىلانلارنى سېتىش ئامېرىكاغا پايدىلىق

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تۈركىيەگە  F-16 تىپلىق ئايروپىلانلارنىڭ سېتىلىشىنىڭ ھەم ئامېرىكانىڭ، ھەم تۈركىيە ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتودىكى باشقا ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

2092700
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى: تۈركىيەگە  F-16 تىپلىق ئايروپىلانلارنى سېتىش ئامېرىكاغا پايدىلىق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى مەسئۇلى F-16 تىپلىق ئايروپىلانلارنىڭ تۈركىيەگە سېتىلىشى ھەققىدە توختالدى.

ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى مەسئۇلى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ باشتىن-ئاخىر تۈركىيەنىڭ F-16 ئايروپىلان ئەترىتىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇلىشنى قوللىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئاقساراي مەسئۇلى: «بۇ (F-16 سېتىش) شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىشچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ ۋە ئامېرىكانىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە پايدىلىق. چەت ئەللەرگە قورال-ياراغ سېتىشتا پالاتانىڭ مۇھىم رولى بار، بۇ مەسىلە ئۈستىدە بىز پالاتا بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلماقتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر