ئابدۇللاھيان ئامېرىكانى «ئۇرۇشنىڭ دائىرىسى كېڭىيىپ كېتىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇردى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھيان يەمەندىكى خۇسىيلارغا قارشى بىرلىكتە يېڭى ھۇجۇم باشلىغان ئامېرىكاغا، «ئۇرۇشنىڭ دائىرىسى كېڭىيىپ كېتىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرى يوللىغانلىقىنى ئېيتتى.

2092242
ئابدۇللاھيان ئامېرىكانى «ئۇرۇشنىڭ دائىرىسى كېڭىيىپ كېتىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللاھيان بۈگۈن (23-يانۋار) بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەپسىزلىك كېڭىشىنىڭ غەززە ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن نيۇ يوركقا يېتىپ بارغان ۋە رايوندىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان.

ئىران مىنىستىرى ئامېرىكانىڭ ئەنگلىيە بىلەن بىرلىكتە يەمەندىكى خۇسىيلارغا قارشى ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇمى ئۈستىدە توختىلىپ: «ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەگە رايوننىڭ تىنچلىقى ھەمدە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدىغان ھۇجۇملارنىڭ ئۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىۋىتىدىغانلىقى توغرىسىدا جىددىي ئاگاھلاندۇرۇشلارنى يوللىدۇق» دېدى.

ئىران قوللاپ - قۇۋەتلەۋاتقان يەمەندىكى خۇسىيلار ئەدەن قولتۇقىدا ئامېرىكانىڭ يۈك پاراخوتلىرىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە قىسىملىرىنىڭ بولسا،  پايتەخت سانائاغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر