غەززە ئىسرائىلىيە ئۆلتۈرگەن كىچىك بالىلارنىڭ سانى 11 مىڭغا يەتتى

ئىسرائىلىيەنىڭ 7 - ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززە رايونىغا قىلغان ۋەھشىيانە ھۇجۇملىرىدا 11 مىڭ كىچك بالا ۋە 7 مىڭ 500 ئايال ئۆلتۈرۈلدى.

2092382
غەززە ئىسرائىلىيە ئۆلتۈرگەن كىچىك بالىلارنىڭ سانى 11 مىڭغا يەتتى

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە 108 كۈندىن بۇيان قىلىۋاتقان ۋەھشىيانە ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلگەن 25 مىڭ 925 كىشىدىن 11 مىڭ نەپىرىنىڭ كىچىك بالىلار ۋە 7 مىڭ 500 نەپىرىنىڭ ئاياللار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، «غەززەدە ھازىرغا قەدەر 70%ى ئاياللار ۋە كىچىك بالىلار بولۇپ، جەمئىي 7000 كىشى بىنا خارابىلىقلىرى ئاستىدا كۆمۈلۈپ ياتماقتا ياكى يوقاپ كەتتى، 63 مىڭ كىشى يارىلاندى» دېيىلدى.

ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرى باش كاتىپى ۋە جىددى ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇشنى ماسلاشتۇرغۇچى مەسئۇلى مارتىن گىرىفتىس ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى باياناتىدا: «7-ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەگە قارىتىلغان ۋەھشىيلىك ئازايغىنى يوق» دېدى ھەمدە غەززەدە ھەر سائەتتە ئىككى ئانىنىڭ ئۆلتۈرىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر