شىمالىي كورېيە خەلقى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان چەت ئەل رەھبىرى كىم؟
شىمالىي كورېيە خەلقىنىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننى ئەڭ يېقىن دوست دەپ قارايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
2091572
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چو سونخۇينىڭ موسكۋا زىيارىتىدىن كېيىن ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، رۇسىيە رەھبىرى پۇتىننىڭ شىمالىي كورېيە خەلقى تەرىپىدىن ئەڭ يېقىن دوست دەپ قارىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەۋەردە: «شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتى پىرېزىدېنت پۇتىننىڭ دۆلىتىمىزگە قىلىدىغان زىيارىتىدىن تولىمۇ خۇشال بولىدۇ، شىمالىي كورېيە خەلقىمۇ ئەڭ يېقىن دوستىنى سەمىمىي قارشى ئېلىشقا تەييار» دېيىلدى.
پۇتىننىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق شىمالىي كورېيە زىيارىتى 2000 - يىلى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇ ئەينى چاغدا ھازىرقى رەھبەر كىم جوڭئۇننىڭ دادىسى كىم جوڭئىل بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.