ئامېرىكا ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى قىسىملىرىنىڭ 140 قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى — پېنتاگون 17-ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ 140 قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2090681
ئامېرىكا ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى قىسىملىرىنىڭ 140 قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېنتاگون مۇئاۋىن باياناتچىسى سابرىنا سىنگ كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئوتتۇرا شەرقنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ، 17-ئۆكتەبىردىن بۇيان ئامېرىكانىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى ئەسكەرلىرىنىڭ 140 قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ 57 سىنىڭ ئىراقتا، 83 ىنىڭ سۈرىيەدە مەيدانغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ قىزىل دېڭىزدىكى سودا پاراخوتلىرىغا قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملار ھەققىدىمۇ توختىلىپ، يەمەندىكى ھۇسىيلارنى بۇ خىل قىلمىشلارنى توختىتىشقا چاقىردى.

سىنگ بىر مۇخبىرنىڭ <ئىسرائىلىيە غەززەگە قاراتقان ھۇجۇمىنى توختاتسا، ھۇسىيلارنىڭمۇ ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقى>نى ئەسلىتىپ ئۆتۈشىدىن كېيىن سۆز قىلىپ، قىزىل دېڭىزدا يۈز بەرگەن ئىشلار بىلەن غەززەدە يۈز بەرگەن ئىشلار ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق باغلىنىش يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن «ھۇسىيلار» دەپ ئاتىلىۋاتقان «ئەنسارۇللاھ» ھەرىكىتىنى «چەت ئەل تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر