بلىنكېن: ئەرەب دۆلەتلىرى پەلەستىن قۇرۇلماي تۇرۇپ غەززەنى قايتا قۇرۇشقا قىزىقمايدۇ

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئىسىرائىلىيە-پەلەستىن مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارەسى بولماي تۇرۇپ، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ غەززەنى قايتا قۇرۇشقا قىزىقمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2089710
بلىنكېن: ئەرەب دۆلەتلىرى پەلەستىن قۇرۇلماي تۇرۇپ غەززەنى قايتا قۇرۇشقا قىزىقمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن س ن ب س (CNBC) تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئىسىرائىلىيە-پەلەستىن مەسىلىسى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئۆتمۈشتىكىگە ئوخشىمىغان ھالدا بىخەتەرلىك جەھەتتە كاپالەت بېرىپ، ئىسىرائىلىيەنى رايون بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ۋە شۇنداق قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى مەسىلىسىدىمۇ ئوخشاشلا قەتئىي ئىرادەگە ئىگە. چۈنكى بىزگە ئوخشاش ئۇلارمۇ مەسىلە ھەل بولمىغىچە ھەقىقىي تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا ئېرىشەلمەيدىغانلىقلىرىنى ياخشى بىلىدۇ» دېدى.

ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىسىرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە، ئىلگىرى قىلىىپ باقمىغان ئىشلارنى قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، رايوندا داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلار توغرىسىدا قارار قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ھازىر ئىسىرائىلىيەنىڭ دىققىتىنى غەززەگە مەركەزلەشتۈرگەنلىكىنى، ئەمما ئاخىرىدا قارار چىقىرىشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، رايوندا ھەقىقىي ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقنىڭ ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارەسىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر