ئىسرائىلىيە 36-دىۋىزىيەسىنى غەززەدىن چېكىندۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 36-دىۋىزىيەسىنى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى غەززەدىن چېكىندۈرۈدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2089185
ئىسرائىلىيە 36-دىۋىزىيەسىنى غەززەدىن چېكىندۈرىدىغانلىقىنى  ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى رادىيوسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، 3 دىۋىزىيەنىڭ غەززەدىكى «جەڭ»نى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، 36-دىۋىزىيەنىڭ چېكىندۈرۈلىدىغانلىقى ئۇقتۇردى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى باياناتىدىمۇ، غەززەدىن 551-زاپاس بىرىگادا، 14-بىرىگادا ۋە ئۈچ مەشىق بىرىگاداسىنى چېكىندۈرۈدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ «ۋاللا» خەۋەرلەر تورى بىلەن ئىسرائىلىيە 12-قانىلى، 12-ئاينىڭ 21-كۈنى غەززەدە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان گولانى بىرىگاداسى ئەسكەرلىرىنىڭ «ئارام ئېلىش ئۈچۈن غەززەدىن چېكىنگەنلىكى»نى ئېلان قىلغانىدى.

ئۇندىن باشقا، ئىسرائىلىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى  — كان 4-يانۋاردىكى خەۋىرىدە، ئارمىيەنىڭ غەززەنىڭ بەزى رايونلىرىدىكى كىچىك ھەربىي كۈچلەر بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچقا كىرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

ئەمما، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۈچىنچى باسقۇچقا ئۆتكەنلىكى توغرىسىدا رەسمىي بايانات ئېلان قىلمىدى.

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان قەسسام بىرىگاداسى 7-ئۆكتەبىر ئىسرائىلىيەگە «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئارقىدىن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەگە قارشى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئىشقا سېلىپ «تۆمۈر قىلىچلار» ھەرىكىتى تاشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئىككى تەرەپنىڭ كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان توقۇنۇشلىرى جەريانىدا، 24 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر