لاۋروۋ: ئامېرىكا ناتو ئۇل-ئەسلىھەسىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ئامېرىكانىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا ناتو ئۇل-ئەسلىھەسىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

2089431
لاۋروۋ: ئامېرىكا ناتو ئۇل-ئەسلىھەسىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ موسكۋادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چو سونخۇي بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇ كۆرۈشۈشنىڭ ئاخباراتقا ئېچىۋېتىلگەن قىسمىدا سۆز قىلىپ، كورېيە يېرىم ئارىلى ۋە ئومۇمەن شەرقىي شىمالىي ئاسىيادىكى مەسىلىلەرنىڭ كەڭ دائىرەدە ئادىل ھەل قىلىنىشىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ: « ئامېرىكا ۋە رايوندا ئامېرىكاغا ئەگىشىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش سىياسىتى، ئىجابىي ئىلگىرىلەشكە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى رايوندا ناتونىڭ ئاساسىي ئۇل-ئەسلىھەسىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. جىددىيچىلىككە سەۋەب بولىدىغان ھەر خىل قەدەملەردىن ۋاز كېچىشكە چاقىرىمىز ۋە بۇنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

ئۇ شىمالىي كورېيەنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە رۇسىيەنى قوللىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خەلقئارالىق سەھنىلەردە شىمالىي كورېيە بىلەن ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چو سونخۇي ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كىم جوڭئۇن بىلەن پۇتىننىڭ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى سايىسىدا تەرەققىي قىلغانلىقىنى، بۇ (2024) يېڭى سەۋىيەگە يېتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر