كولومبىيە پىرېزىدېنتى نېتانىياھۇنىڭ غەززەگە قاراتقان كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلىدى

كولومبىيە پىرېزىدېنتى گۇستاۋ پېترو ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇمىدا قازا قىلغان ئاياللار ۋە بالىلار ھەققىدە توختىلىپ: «نىتانىياھۇنىڭ غەززە خەلقىگە قاراتقان كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىقى بىۋاسىتە بومباردىمان قىلىش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلدى» دېدى.

2088717
كولومبىيە پىرېزىدېنتى نېتانىياھۇنىڭ غەززەگە قاراتقان كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كولومبىيە پىرېزىدېنتى پېترو ئېكس (X) ئادرېسىدا بىر ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ: «غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن ئاياللار ۋە بالىلار ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا قالايمىقان چىقىرىلغان ئوقنىڭ ئارىسىدا قالغانلاردۇر» دېگەن باياناتىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

پېترو يازمىسىدا: «بۇ توغرا ئەمەس، پەلەستىندە ئۆلتۈرۈلگەن بالىلار ۋە ئاياللارنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشىدىكى سەۋەب ئۇلارنىڭ قالايمىقان چىقىرىلغان ئوقنىڭ ئارىسىدا قالغانلىقى ئەمەس» دېدى.

پېترو غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن ئاياللار ۋە بالىلارغا جاۋابكار كىشىنىڭ دەل ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «نېتانىياھۇنىڭ غەززە خەلقىگە قاراتقان كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىقى بىۋاسىتە بومباردىمان قىلىش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلدى» دېدى.

پېترو خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى (ICJ) غا ئىسرائىلىيەگە قارشى سۇنۇلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەرزى ئۈچۈن جەنۇبىي ئافرىقاغا مەدھىيە ئوقۇدى.  

پېترو: «ئەگەر بۈگۈن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا لاياقەتلىك بىرسى بار دېيىلسە، بۇ دەل پەلەستىن خەلقىگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى يۈزىسىدىن نېتانياھۇ ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنغان جەنۇبىي ئافرىقا قانۇن گۇرۇپپىسى بولۇشى كېرەك» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر