ھاماس 2014 – يىلى ئەسىرگە ئېلىنغان ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ كۆرۈنۈشىنى ئېلان قىلدى

پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى ئىززىددىن ئەلقاسسام بىرىگاداسى غەززە رايونىدا تۆت نەپەر ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرگە قارۋاتقان  ئەترەت بىلەن ئالاقىنىڭ ئۈزۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

2088356
ھاماس 2014 – يىلى ئەسىرگە ئېلىنغان ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ كۆرۈنۈشىنى ئېلان قىلدى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەلقاسسام بىرىگاداسى تېلېگرامما ھېساباتىدا ئىسرائىلىيەلىك مەھبۇسلار ھەققىدە «ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ» دېگەن ئىبارىنى ئىشلىتىپ، ئەرەبچە ۋە ئىبرانىيچە تېكىستلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر كۆرۈنۈشنى ئېلان قىلدى.

كۆرۈنۈشتە 2014-يىلدىن بۇيان غەززەدە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئورون شائۇل ۋە ھادار گولدىن ئىسىملىك ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىدىن باشقا يەنە، ئاۋېرا مېڭگىستۇ ۋە ھىشام ئەس سەييىد ئىسىملىك ئىسرائىلىيە ​​پۇقرالىرىنىڭ رەسىملىرىگە ئورۇن بېرىلدى.

«10 يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئۇلار ئېسىڭىزلاردىمۇ؟ 2014-يىلى  نېتانياھۇ ھۆكۈمىتى پەرزەنتلىرىڭلارنى كۆرمەسكە سالدى ۋە تا ھازىرغىچە قايتۇرۇۋالمىدى» دېيىلگەن سىندا يەنە، غەززەدىكى تۆت نەپەر ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرگە قاراۋاتقان ئەترەت بىلەن ئالاقىنىڭ ئۈزۈلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.  

غەززەدىكى ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا خىتاب قىلىنغان سىندا، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيە پەرزەنتلىرىنىڭ قايتىپ كېلىش كەلمەسلىكىگەكۆڭۈل بۆلمىگەنلىكى تەكىتلىنىپ،  «ئۇنتۇماڭلاركى، ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ» دېيىلدى.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىدىن ئورون شائۇل ۋە ھادار گولدىن 2014-يىلى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قىلغان ھۇجۇمى جەريانىدا قاسسام بىرىگادىسى تەرىپىدىن  ئەسىر ئېلىنغان ئىدى.

تېگى ئېفىيوپىيەلىك ئاۋېرا مېڭگىستۇ بىلەن تېگى پەلەستىنلىك ئىسرائىلىيە پۇقراسى ھىشام ئەل سەييىدمۇ شۇ يىلى ئوخشىمىغان ۋاقىتلاردا  ئىسرائىلىيە بىلەن غەززەنىڭ شىمالىدىكى سىم توساقلاردىن  ئۆتۈپ غەززەگە كىرگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلاردىن ھېچقانداق خەۋەر ئېلىنالمىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر