ياپونىيەدىكى يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانىدا ئېشىش كۆرۈلدى

ياپونىيەنىڭ غەربىگە جايلاشقان ئىشىكاۋا ئىشتاتى ۋە نوتو يېرىم ئارىلى قىرغاقلىرىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 215 كە چىقتى.

2087867
ياپونىيەدىكى يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانىدا ئېشىش كۆرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىشىكاۋا ئىشتاتلىق ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، يېڭى يىلنىڭ تۇنجى كۈنلىرىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 215 كە چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، 4 مىڭ 100 دىن ئارتۇق بىنانىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى، ئوخشىمىغان 22 رايوندا 28 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى، ئىشتاتتا قاتنىشى توختىتىلغان يوللار سەۋەبىدىن 3 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ يوللاردا قاپسېلىپ قالغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، يەر تەۋرەشتە يارىلانغان جەمئىي 567 كىشىنىڭ ھەر قايسى دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىۋاتقانلىقى، ھازىرغىچە دېرىكى ئېلىنالمىغان 38 كىشىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىقلارنىڭ كۆرسىتىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى كىخارا مىنورۇ 6 مىڭ 300 ئەسكەرنىڭ رايوندا ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ياپونىيە مېتېرولوگىيە ئىدارىسى 1-2-3- 4-يانۋار كۈنلىرى ئىشىكاۋانىڭ نوتو يېرىم ئارىلى ۋە قىرغاقلىرىدا، تۆت بالدىن يەتتە بالغىچە بولغان يەر تەۋرەشلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر