موسكۋا غەربكە يادرو قورالى ئىشلىتىش توغرىسىدا تەھدىت سالدى

رۇسىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دمىترىي مېدۋېدېۋ غەرب رۇسىيەدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش سۇپىلىرىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلغان ئەھۋالدا، موسكۋانىڭ يادرو قورالى بىلەن جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2087769
موسكۋا غەربكە يادرو قورالى ئىشلىتىش توغرىسىدا تەھدىت سالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دمىترىي مېدۋېدېۋ تېلېگرام ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، غەربنىڭ ئۇكرائىناغا رۇسىيەدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سۇپىلىرىنى پارتلىتىشنى مەسلىھەت قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ئۇ رۇسىيەدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سۇپىلىرىغا غەربتە ياسالغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن قىلىنىدىغان ھۇجۇملارنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ نېمىنى بىلدۈرىدۇ؟ بۇنىڭ پەقەت بىرلا مەنىسى بار، يادرو قورالىغا مۇناسىۋەتلىك رۇسىيە دۆلەت سىياسىتى ئاساسلىرىنىڭ 19-ماددىسى بويىچە قارىمۇ قارشى كېلىش خەتىرىگە دۇچ كېلىدۇ. بۇ خىل ھۇجۇم يادرو قورالى ئىشلىتىش ئۈچۈن ئاساس يارىتىدۇ» دېدى.

ئۇ موسكۋانىڭ رۇسىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىت سالىدىغان ھۇجۇم يۈز بەرگەندە يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتەلەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بۇ ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقى ئەمەس، بەلكى بىزگە ھۇجۇم قىلغان دۆلەتكە قارشى يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىشنىڭ بىۋاسىتە ۋە ئېنىق ئاساسى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر