گېرمانىيە جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇق ئىختىلاپىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالىنا بايېربوك جەنۇبىي جەنۇبىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىشلارنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى ۋە دۆلىتىنىڭ جىددىيلىكنى پەسەيتىشكە ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2087820
گېرمانىيە جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇق ئىختىلاپىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىلىپپىن زىيارىتى دائىرىسىدە پىرېزىدېنت فېردىناند ماركوس ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشكەن بايېربوك، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەرىكەتلىرىنىڭ رايوندىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنى خەتەرگە ئىتتىرگەنلىكىنى، گېرمانىيەنىڭ رايوندىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىش تىرىشچانلىقلىرىغا ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ دۇنيادىكى ھاياتىي كۈچكە تولغان ئىقتىسادىي رايونلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «ھازىر تالاش-تارتىشلارنى ھەممە بىرلىكتە تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش مېخانىزملىرىنى ئورنىتىدىغان پەيت كەلدى. دۇنيا باشقا بىر كىرىزىسقا موھتاج ئەمەس. نۆۋەتتە نۇرغۇن كىرىزىس بار» دېدى.

جەنۇبىي دېڭىزغا قىرغاقداش دۆلەتلەر ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن بۇيان، ئىگىلىك ھوقۇق تالاش-تارتىشلىرىغا تېما بولۇپ كەلمەكتە.

خىتاي 1947-يىلى ئېلان قىلىنغان بىر خەرىتىنى ئاساس قىلىپ، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ %80 تىن كۆپرەكىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلماقتا. فىلىپپىن، ۋىيېتنام، بىرۇنېي ۋە مالايشىيا قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەرمۇ بۇ رايوندا ھەققى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر