ئېكۋادوردا 60 كۈنلۈك جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى

ئېكۋادوردا«فىتو»(Fito) لەقەملىك قارا گۇرۇھ كاتتىبېشى ئادولفو ماجىياس سالازار بىلەن بىر قانچە مەھبۇسنىڭ گۇاياس شەھىرىدىكى تۈرمىدىن قېچىشى ۋە ئارقىدىن ساقچى ئاپتوموبىللىرىنىڭ بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى سەۋەبىدىن 9-يانۋار 60كۈنلۈك جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى.

2087299
ئېكۋادوردا 60 كۈنلۈك جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى
ekvador.jpg
Ekvador Tv baskın
ekvador.jpg
ekvador askerler.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېكۋادور پىرېزىدېنتى دانىيېل نوبوا قارا گۇرۇھلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەر ئۈستىدە توختالغاندا، «بىز ئۇرۇش قىلىۋاتىمىز، بۇ تېررورىستلارغا تەسلىم بولمايمىز» دېدى.

ئېكۋادور پىرېزىدېنتى دانىيېل نوبوا  كانېلا رادىيوسى (Radio Canela) نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، قارا گۇرۇھلار بىلەن قەتئىي يەڭ ئىچىدە سودا قىلىنمايدىغانلىقىنى ۋە بۇ گۇرۇھلارنىڭ ئەمدى قانۇنلۇق يوقىتىش نىشانىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدرۈدى.

ئۇ قارا گۇرۇھنىڭ 9-يانۋار نەق مەيداندىن تارقىتىش بېرىۋاتقان بىر تېلېۋىزىيە قانىلىغا قىلغان ھۇجۇمى ئۈستىدە توختىلىپ: «شۇنى ياخشى بىلىشلىرى كېرەككى، بىز باشقا ھۆكۈمەتلەردىن قاتتىق بولىمىز» دېدى.

ئۇ قارا گۇرۇھ گۆرۈگە ئېلىۋالغان خەۋپسىزلىك خادىملىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بارلىق كۈچلىرى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى ۋە سوتچى، تەپتىشلەرگە خىتاب قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«قارا گۇرۇھ كاتتىباشلىرى توغرىسىدا ئىجابىي قارار بەرگەن ئەھۋالدا ئۇلارمۇ <تېررورىست> قا ئوخشاش مۇئامىلە كۆرىدۇ» دېدى.

ئېكۋادور ئارمىيەسى ئىشتاب باشلىقى جائىمې ۋېلا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، 329 قارا گۇرۇھ ئەزاسىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى، بەش ئەزاسىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ قارا گۇرۇھقاقارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەردە، ئىككى ساقچىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، بىر ساقچىنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىسيان چىققان بەش تۈرمىدە 139 تۈرمە خادىمىنىڭ گۆرۈدە ئىكەنلىكىنى، 41 ئەسكەرنىڭ قۇتقۇزۇلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ «فىتو» لەقەملىك قارا گۇرۇھ كاتتىبېشىنى تۇتۇش ئۈچۈن مەخسۇس ئەترەت قۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر