پاكىستان ساقچىلىرى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

پاكىستاننىڭ خەيبەر پاختۇنخۋا ئىشتاتىدا بالىلار پالەچ كېسىلىگە قارشى ۋاكسىنا ئەملەيدىغان سەھىيە خادىملىرىنى قوغداۋاتقان ساقچىلارغا قىلىنغان ھۇجۇمدا، ئالتە ساقچى جېنىدىن ئايرىلدى، 23 ساقچى يارىلاندى.

2086218
پاكىستان ساقچىلىرى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلىشىچە، خەيبەر پاختۇنخۋا ئىشتاتىنىڭ باژاۋۇر رايونىدا بالىلار پالەچ كېسىلىگە قارشى ۋاكسىنا ئەملەيدىغان سەھىيە خادىملىرىنى قوغداۋاتقان ساقچىلارغا بومبا ھۇجۇمى قىلىنغان.

ھۇجۇمدا، ئالتە ساقچى جېنىدىن ئايرىلىپ، 23 ساقچى يارىلانغان. پاكىستان تالىبانى ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغان.

پاكىستان تالىبانى خەيبەر پاختۇنخۋا ئىشتاتىدا كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە.

پاكىستان تالىبانى بالىلار پالەچ كېسىلىگە قارشى ۋاكسىنا ئەملەشنى «غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بالىلارنى تۇغماس قىلىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان سۈيىقەستى» ئىكەنلىكىنى بازارغا سالماقتا.

پاكىستان 1994-يىلى باشلانغان بالىلار پالەچ كېسىلىنى تۈگىتىش سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى رامكىسىدا، ھەر يىلى تەخمىنەن 20 مىڭ بولغان پالەچ بىمارى سانىنى 2017-يىلى سەككىزگىچە چۈشۈرگەن ئىدى. 2017-يىلىدىن كېيىن، بالىلاردا پالەچ كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش سانى ئاشقان  بولۇپ، 2018-يىلى 12 گە، 2019-يىلى 147 گە، 2020-يىلى 84 كە يەتكەن ئىدى. 2020-يىلى بولسا 20 بالىنىڭ پالەچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر