ھەنىييە: ھۇجۇم باشلانغاندىن بۇيان سىرتتىكى غەززەلىكلەر قايتىپ كەلدى، ئىچىدىكىلەر چىقىپ كەتمىدى
پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماسنىڭ سىياسىي بىيۇروسى باشلىقى ئىسمائىل ھەنىييە، ئىسرائىلىيەنىڭ شۇنچە قىرغىنچىلىق ۋە قەتلئاملىرىغا قارىماي، غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرى ئارقىلىق ھېچقانداق نىشانىغا يېتەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.
2086419
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسمائىل ھەنىييە قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا ئۆتكۈزۈلگەن «دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلەشمىسى»نىڭ 6-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا سۆز قىلدى.